قازاقىستان خەلقى خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەرز تۇزىقى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتقان بىر مەزگىلدە، بىر بۆلۈك قازاقىستان خەلقى خىتاينىڭ قازاقىستان زېمىنىنى ئىگىلەش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بۈگۈن مەركىزىمىزگە ئەۋەتىلگەن بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالمۇتا شەھىرى ئەنبەكشى قازاق ئوبلاستىدا خىتاي ئىلگىرى سېتىۋالغان بىر يەرنىڭ ئەتراپىنى تۆمۈر رېشاتكا ۋە سىم تورلار بىلەن قورشاپ توسۇۋالغان بولۇپ، يەرلىك خەلق خىتاينىڭ قازاقىستاننىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بۇ يىل ماي ئېيىدا قازاقىستاننىڭ چەتئەللىكلەرگە، بولۇپمۇ خىتايغا زېمىن سېتىپ بەرمەسلىك ھەققىدە چىقارغان قانۇنىنى تىلغا ئېلىپ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە پىرېزىدېنتىغا سوئال قويۇپ: «سىلەر خىتايغا يەر سېتىپ بەرمەسلىك ھەققىدە قانۇن چىقاردىڭلار، يەنە خىتايغا يەر سېتىلىپتۇ، سىلەرنىڭ قايسى گېپىڭلار راست؟! خىتاي بىزنىڭ زېمىنىمىزنى ئىگىلىۋالدى، بۇلارغا كىم رۇخسەت بەردى؟» دېگەن.

نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر يەنە: «خىتاي بىزنىڭ زېمىنىمىزنى بېسىۋېلىشقا باشلىدى، خىتاينى 20 يىل ئەمەس، 20 مىنۇتمۇ قازاقىستان زېمىنىدا تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ. ئەي قازاق خەلقى خىتايدىن قورقماڭلار، ئويغىنىڭلار» دېگەن ۋە تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشقان.

ئۇلار يەنە خىتاي قازاقىستان زېمىنىدىن چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە، نەچچە مىليون قازاق خەلقىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشقان.

نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زېمىن خىتايغا 20 يىللىق سېتىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي سېتىۋالغان يەردە ئالتۇن ۋە ئوران قازماقچى بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئەتراپىنى ئېگىز سىملىق رېشاتكا بىلەن توسۇۋالغان.

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2021 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق