ئامېرىكا خىتايدىكى يادرو ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ چىققان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋمېن، خوڭكوڭ قاتارلىق نوپۇسى كۆپ شەھەرلەرگە ئىنتايىن يېقىن بولغان تەيشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ دوكلاتىدا «رادىيو تەھدىتى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. تەيشەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سودا شېرىكى بولغان فىرانسىيە شىركىتى فىراماتوم ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە بىر دوكلات يوللىغان بولۇپ، دوكلاتتا: «خىتاي دائىرىلىرى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تاقاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان رادىياتسىيەنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى» دېيىلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يادرو ئېقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى رايوندىكى ۋەزىيەتنى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ «كىرىزىس» دەپ قارالغۇدەك رادىياتسىيە سەۋىيەسىگە يەتمىگەنلىكى ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرىغا خەتەر ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى CNN نىڭ خەۋىرىدە، گەرچە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئەنسىرەيدىغان كىرىزىس يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بار چەت ئەل شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىدە ياردەم سورىشى «نورمال ئەھۋال ئەمەس» دېيىلگەن. دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئامېرىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئالدىنقى بىر ھەپتىدىلا ئىككى قېتىم يىغىن ئاچقان بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ فىرانسىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىلەشكەنلىقى بىلدۈرۈلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى كەلگۈسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 829 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2021 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق