بايدېن: خىتاي چوقۇم مەسئۇلىيەتچان ھەرىكەت قىلىشى كېرەك

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن ئالدىنقى قېتىم يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا خىتاينىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەگە قارشى باستۇرۇش قىلمىشلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ باياناتىدا: «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئادىل ۋە ئاشكارا داۋاملىشىۋاتقان سودىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنسىز بازار سىياسىتى ۋە قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كوللېكتىپ تەدبىرلەر ئۈستىدە داۋاملىق كېڭىشىدۇ» دېيىلگەن. يىغىندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا، بولۇپمۇ «خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى» ۋە ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھوقۇقى، ئەركىنلىكى ۋە يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا قارشى لايىھەلەنگەن «تېخىمۇ ياخشى دۇنيا بەرپا قىلىش» ناملىق تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ھەمدە مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرۈش ھەققىدە يېڭى مېخانىزم ئېلان قىلغان. لېكىن مەزكۇر مەبلەغ تۈرىنىڭ دائىرىسى ۋە مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خىتاي تەرەپ يەكشەنبە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەدبىرلىرىگە قارىتا: «خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بىر قىسىم دۆلەتلەر قارار چىقىرىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ھاكاۋۇرلارچە ئىنكاس قايتۇرغان.

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2021 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق