ئىستانبۇلدا ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى

بۈگۈن ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋاكالەتچىسى «دوغۇش گۇرۇھى»نىڭ (Doğuş Grubu) بىناسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا چېتىلغان ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىندى.
پائالىيەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن د ئۇ ق ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد باشلاش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى.
باياناتتا: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، زىيانكەشلىك قىلىش تېررور سىياسىتى كۆپلىگەن غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، دەپ ئېتىراپ قىلىندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارىلانغان بىر پەيتتە، گېرمانىيە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى ۋولكىس ۋاگېننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان بىر رايوندا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ۋولكىسۋاگېنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋاكالەتچىسى «دوغۇش گۇرۇھى»نىڭ (Doğuş Grubu) باشقۇرغۇچىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەش مەسىلىسىدە سەزگۈر بولۇشنى، مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى، شەرقىي تۈركىستانغا ئادەم ئەۋەتىپ، تارماق شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋولكىس ۋاگېن شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق زاۋۇتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئىشلەپچىقىرىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ۋولكىس ۋاگېن شىركىتى خىتايدىكى توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشىنىڭ %15كە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بۇ ئۇنىڭ ھازىرقى ئاپتوموبىل بازىرىدىكى بېنزىن يېقىلغۇلۇق ماشىنىلارنىڭ سېتىلىشىغا باراۋەر كېلىدىكەن. ۋولكىس ۋاگېن يەنە كەلگۈسى تۆت يىلدا خىتاينىڭ تېخنىكا ساھەسىگە 15 مىليارد ياۋرو مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 953 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2021 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق