ئامازون، ئالما، نايك قاتارلىق شىركەتلەر قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامازون، ئالما ۋە نايك قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا سەل قارىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 11-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رۇبىيو يەنە: «نايك، ئالما، ئامازون ۋە كوكاكولا قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇزۇندىن بېرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغۇچىلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئالىدۇ ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارالغان تەمىنلىگۈچىلەردىن مال سېتىۋالىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ شىركەتلەر ھەممىمىزنى بۇ جىنايەتكە شېرىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين بىلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېد ماركى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى مەھسۇلاتلىرىدىن پايدا ئالىدىغانلىقىنى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماركو رۇبىيو يەنە سېرمو فىشېر شىركىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «بارلىق ئىسپاتلار ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق خىتايغا تەمىنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، سېرمو فىشېر شىركىتى شەرقىي تۈركىستانغا گېن تەرتىپلەش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامازون بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئىسپاتقا ئېرىشسە، بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كوكاكولا شىركىتى ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان. باشقا شىركەتلەر بولسا تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ خەۋەر 652 قېتىم كۆرۈلدى
14/06/2021 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق