بىلىنكېن ياڭ جيېچى بىلەن بولغان سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 11-ئىيۇن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى، تەيۋەن ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېد پىرايسنىڭ (Ned Price)باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلىنكېن بىلەن ياڭ جيېچى ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيەگە قاراتقان سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاراپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە شىمالىي كورىيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. ئىككى تەرەپ يەنە ئىران، بېرما ۋە كىلىمات كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى خىرىسلارنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئىككى تەرەپ ۋىرۇس يۇقۇمى توغرىسىدا توختالغاندا، بىلىنكېن ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى، جۈملىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى باشچىلىقىدا خىتايدا ۋىرۇس مەنبەسىگە قارىتا ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. بىلىنكېن يەنە خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە خىتاينى تەيۋەنگە قاراتقان بېسىمىنى توختىتىشقا ۋە چېگرا ھالقىغان مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ياڭ جيېچىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «بىلىنكېن ياڭ جيېچى بىلەن قىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى توغرا تەرەققىيات يولىغا قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياڭ جيېچى ئامېرىكىنى بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى قايتا تەكشۈرۈش مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى پاكىت ۋە ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىشقا، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىققا چاقىردى» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2021 12:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق