لىتۋانىيەنىڭ يېڭى قانۇنى خىتاينىڭ ياللانما تەشۋىقاتچىلىرىغا زەربە بېرىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيەدە يېڭىدىن ماقۇللانغان بىر قانۇن ماددىسى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، لىتۋانىيەنىڭ بىر تۈزىتىلگەن قانۇنى ئالدىنقى ھەپتە كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن ماددىسىغا ئاساسەن خەلقئارالىق قانۇن-نىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى، تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىنى قوللىغان، كۈشكۈرتكەن ۋە قاتناشقان شەخسلەرنىڭ بەش يىلغىچە لىتۋانىيەگە كىرىشى چەكلىنىدىكەن.
رۇسىيە تور تاراتقۇسى «ياۋرو-ئاسىيا كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرىم ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق مەسىلىلەردىن باشقا، لىتۋانىيە يەنە يېڭى يولغا قويۇلغان قانۇننىڭ دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىكەن. شەرقىي تۈركىستان ۋە تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى تارقىتىش، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينى قوللاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
لىتۋانىيە ئالدىنقى ئايدا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى 17+1 مېخانىزمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىرغان. لىتۋانىيە پارلامېنتى يەنە 20-ماي كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەن.
لىتۋانىيە يەنە خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ ئىزچىل خىتايغا قارشى يول تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىغا دۇچ كەلگەن. لىتۋانىيە بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرغان بولۇپ، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 764 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2021 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق