خوڭكوڭنىڭ شەرق كۈندىلىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارغا قارىتىلغان جازانى كېچىكتۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە سودا، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىستراتېگىيە مىنىستىرلىكى بۇ يىل مارت ئېيىدا ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىيالمىغان شىركەتلەرنى جازالايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئالاقىدار شىركەتلەرنى جازالاش ھەققىدە ئېنىق ۋاقىت بېرىشنى رەت قىلغان. 10-ئىيۇن ئەنگلىيە پارلامېنتى سودا، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىستراتېگىيەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ھۆكۈمەتنىڭ جازالاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
مەزكۇر كومىتېت ئەنگلىيە مودا كىيىم-كېچەك، پارچە سېتىش، تاراتقۇ ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان ھەمدە ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن شىركەتلەرگە جەرىمانە قويۇشقا ۋە ئۇلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە چاقىرغان. بۇ كومىتېتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ھۆكۈمەت 2015-يىللىق «زامانىۋى قۇللۇق قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كومىتېتنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆپ قىسىم ئۆزگەرتىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان قاتتىق تەدبىرلەرنى كېچىكتۈرگەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كومىتېت ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلارغا قارىتىلغان جازا يۈرگۈزۈش قارارىنى قارشى ئالغان ھەمدە ھېچقانداق ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
سودا، ئېنېرگىيە ۋە سانائەت ئىستراتېگىيە مىنىستىرلىكى ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ شىركەتلەردىن سودا ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى زامانىۋى قۇللۇق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قانداق تاقابىل تۇرغانلىقىنى دوكلات قىلىشنى تەلەپ قىلغان تۇنجى دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ھەرگىز سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.