شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىدا «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىدا بىر قانچە قانۇن لايىھەسى ۋە ئىككى قارار ماقۇللانغان بولۇپ، «سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك قانۇنى»، «جەنۇبىي دېڭىز ئەركىن سودا پورتى قانۇنى»، «ھەربىيلەرنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق كاپالەت قانۇنى» بۇلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەن. ئۇندىن باشقا «ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن سىرت، يېڭىدىن «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» رەسمىي ماقۇللانغان.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خىتاي خوڭكوڭدا يولغا قويغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تىركىشىشى كەسكىنلەشكەن. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىرلىكتە خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا كۆپ قېتىم جازا يۈرگۈزگەن. شۇ سەۋەبلىك خىتاي «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ماقۇللىغان.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاينىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە، ئەمەلدارلىرىغا ۋە سىياسەتچىلىرىگە قارىتا تۈرلۈك ئۇسۇلدا جازا يۈرگۈزۈشىنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ قانۇننىڭ غەربنىڭ قاتتىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ كۆپ قېتىم مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىكى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا چەكلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.