مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر: مۇسۇلمانلار شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە بولۇشى كېرەك

9-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى ئاياللار تارمىقىنىڭ سىنلىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، «تۈنۈگۈندىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستان رېئاللىقى» تېمىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىن ۋە باشقا دۆلەتلەردىن بولۇپ 450 دىن كۆپرەك خانىم-قىزلار قاتناشتى.
يىغىندا مۇنەۋۋەر خانىم «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملار ھەقىقەتەن مەۋجۇتمۇ؟ بۇ زۇلۇم قاچاندىن باشلاندى؟ نېمە ئۈچۈن خىتايلار ئۇيغۇرلارغا بۇنداق زۇلۇم قىلىدۇ؟ جازا لاگېرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟» قاتارلىق سوئاللارغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ تارىختىن بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن زۇلۇمى، باستۇرۇش سىياسىتى ۋە جىنايەتلىرىنى، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردا يولغا قويۇلغان جازا لاگېرى سىياسىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر خانىم قاتناشقۇچىلارنىڭ «بىز سىلەر ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىغان، بىلگەن كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنى مۇسۇلمان، تۈرك دەيدىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۆز زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 1452 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2021 13:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق