ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 8-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدىمۇ توختالغان.
ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە قوشۇلغان بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزى بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنجى قېتىم ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا ئىككى تەرەپ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە خىتاينى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دەرھال، چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە مىنىستىرلىرى يەنە شەرقىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تەكىتلىگەندىن سىرت، بېيجىڭنىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكەتلىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنى «خىتاي تەھدىتى ئويۇنىنى ئوينىدى، ئاساسسىز تۆھمەت چاپلىدى، ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىگەن.