خىتاي ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە قارشى يىغىن تەشكىللىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە ئېچىلغان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى» 9-ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان. يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى» باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈلنار ئوبۇل، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قانۇن فاكۇلتېتىدىن ئەركىن سامساق قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلار قاتناشقان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»دە خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ ئىنىسى پازىل زىياۋۇدۇن، ئۇنىڭ «قوشنىسى» تاجىگۈل ئابدۇللاھ، شەمشىنۇر غوپۇر خانىمنىڭ سىڭلىسى مەرھابا ئابدۇغوپۇر، زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئاكىسى ئابدۇخېلىل داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىمنىڭ ئىنىسى ئەكبەر تۇرسۇن، سايراگۈل ساۋۇتباي خانىمنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى سۇلۇنگو، مەھمۇد تەۋەككۈل ئەپەندىنىڭ ئايالى ھەبىبە ھىمىت قاتارلىقلار يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلىجان ئىنايەت، گۈلنار ئوبۇل، ئەركىن سامساق قاتارلىقلار قورچاق ئەمەلدارلار ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنى «قانۇنسىز سوت، سوت قىلىش سالاھىيىتى يوق»، گۇۋاھچىلارنى بولسا «ئارتىسلار» دەپ بىلجىرلىغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خىتاي ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن شاھىتلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇلارغا ھەر خىل تۆھمەتلەرنى ئارتقان. جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىندا تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىمنىڭ قوشنىسى، دەپ تونۇشتۇرۇلغان يالغان گۇۋاھچىنى ئەمەلىيەتتە تۇرسۇنئاي خانىم ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارادا جانلاندۇرۇۋاتقان تەشۋىقاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۆھمەتلەرنىڭ يالغان تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، گەرچە خىتاي ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنى «قانۇنسىز، ئىناۋەتسىز» دەپ جار سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن خىتاينىڭ بۇ سوتتىن قانچىلىك بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1261 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2021 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق