خۇاۋېي رومىنىيەدىمۇ چەكلىنىش تەقدىرىگە دۇچ كەلمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رومىنىيە پارلامېنتى تېلېگراف تورى ۋە ئەسلىھەلىرىگە ئالاقىدار يېڭى قانۇن تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خۇاۋېي شىركىتى رومىنىيەنىڭ G5 تورى قۇرۇلۇشىدىن چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
يېڭى قانۇندا تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە دۆلەت مەنپەئەتىگە چېتىشلىق G5 تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى ياكى يۇمشاق دېتاللىرىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە ئالىي كېڭىشىدىن ئىجازەتنامە ئېلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 8-ئىيۇن كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان بولۇپ، رومىنىيە پىرېزىدېنتى كىلاۋس يوھاننىسنىڭ ئىمزاسى بىلەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. يېڭى قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رومىنىيە G5 چاستوتا ئىسپېكتىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسىنى باشلىيالايدىكەن.
2019-يىلى 8-ئايدا رومىنىيە پىرېزىدېنتى يوھاننىس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ بىلەن كۆرۈشۈپ مېموراندۇم ئىمزالىغان. مېموراندۇمدا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 5G تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي باھالاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. 2020-يىلى ئۆكتەبىردە، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 25 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئامېرىكا تەشەببۇس قىلغان «پاكىز تور»نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە رومىنىيەمۇ بار ئىكەن. رومىنىيە 2004-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان.

بۇ خەۋەر 816 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2021 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق