ئالما شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تەمىنلىگۈچىلەردىن قول ئۈزۈشكە چاقىرىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئالما شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى جېف مېركلى ۋە جېيمىس مىكگوۋېرن 8-ئىيۇن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتىنى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان. باياناتتا: «گەرچە ئالما شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزدە بار بولغان پاكىتلار ئالما شىركىتىنىڭ بۇ كاپالىتىدە مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېيىلگەن.
بىرلەشمە باياناتتا يەنە ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەجبۇرىيەت ئەمگەك سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي تەمىنلىگۈچىلەردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە چاقىرىلغان. شۇنداقلا ئالما شىركىتىنى ئامېرىكا تاموژنىسى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى ئىدارىسىدىن خىتاي تەمىنلىگۈچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.
باياناتتا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىككە قارشى كەسكىن دۇنياۋى ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىككى رەئىسى ۋە باشقا ئەزالىرى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى قوللاشقا ۋە تېزدىن ماقۇللاشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1016 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2021 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق