خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىگە ئالاقىدار يەنە بىر دوكلات ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسى بىر يىل بۇرۇنلا خىتاي ۋىرۇسى مەنبەسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ئايدا سىنكلېير رادىيو شىركىتى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىكى لاۋرېنس لىۋېرمور دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىنىڭ (Lawrence Livermore National Lab) ئىستىخبارات بۆلۈمىنىڭ 2020-يىلى 27-مايدا بىر مەخپىي دوكلاتنى تاماملىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ۋىرۇس مەنبەسى مەسىلىسىدە تەجرىبىخانىدىن تارقىلىش ياكى ھايۋانلاردىن يۇقۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئاخىرىدا تەجرىبىخانىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى يەكۈنلىگەن.
مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، پىرېزىدېنت بايدېن ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، 90 كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەتكە دوكلات تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئېرىشىپ، بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندە ئاندىن ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىق ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئالدىنقى كۈنى ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە: «ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب كېيىنكى قېتىملىق يۇقۇمنىڭ كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ھېچبولمىغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش» دېگەن.

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2021 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق