خىتايدا ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، «تۇغۇت چىقىمى قەرزى» ۋە مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئالدىنقى ئايدا ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى دەرھال سىياسەتكە ماسلىشىپ، ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان ئەر-ئاياللارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەن ئىكەن. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم بانكىلار ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان ئائىلە 30 مىڭ يۈەنلىك «تۇغۇش چىقىمى قەرزى»گە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان پىلاننى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
خىتاي بانكىسى جياڭشى شۆبىسىنىڭ توردىكى تەشۋىقاتىدا ئېلان قىلىنىشىچە، بىر بالىسى بار ئائىلىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا يۈز مىڭ يۈەن، ئىككى بالىسى بار ئائىلە ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 مىڭ يۈەن، ئۈچ پەرزەنتى بار ئائىلە ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلالايدىكەن. قەرز مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىل ئىكەن. ئەمما مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېلانلىرى تور ئەھلىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
بەزىلىرى: «ئۈچ بالىنى باقالايدىغان ئائىلىنىڭ 300 مىڭ يۈەن پۇلى بولمايدىغان ئىش بولامدۇ؟»، «بۇ قەرزنى ئەخمەق ئالىدۇ» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشقان. ھەتتا بەزى كىشىلەر مەسخىرە قىلىپ: «ئەگەر قەرزنى قايتۇرغىلى بولمىسا، بالىنى بانكىغا تاپشۇرۇپ بېرەمدۇق؟» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى ئالدىنقى ھەپتە رەسمىي «ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتى»گە ئاۋاز قوشۇشقا باشلاپ كۆپ تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. چىڭداۋ بىنويىڭ بىيوتېخنىكا شىركىتى ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھەر ئايدا مىڭ يۈەن ئوزۇقلۇق خىراجىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە تۇغۇت تەكشۈرۈش چىقىمىنىڭ ھەممىنى ئاتچوت قىلىدىغانلىقىنى، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بىر يىللىق مائاشلىق دەم ئېلىشقا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بىر قېتىمدىلا يۈز مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بەزى مەنبەلەردە مەزكۇر شىركەتتە پەقەت بىرلا ئايال خىزمەتچىنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چۇڭچىڭدىكى بىر خۇسۇسىي كارخانىمۇ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان تارقاتقان بولۇپ، ئېلاندا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈچىنچى پەرزەنتكە ھامىلىدار بولغان ھەر قانداق ئايال خىزمەتچى بىر يىللىق مائاشلىق تۇغۇت دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ھامىلىدار بولغان ئايدىن باشلاپ ھەر ئايلىق ئاساسىي مائاشى 500 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن. دەم ئېلىش ياردەم پۇلىمۇ بىر ھەسسە كۆپەيتىلىپ بېرىلىدىكەن. تۇغقاندىن كېيىن بىر قېتىمدىلا 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2021 11:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق