چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى

5-ئىيۇن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆسمۈرلەرنىڭ JIU-JITSU چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.
مۇسابىقىدە قىرغىزىستان جالالئاباد ۋىلايىتى "Marasulov Brauzes "JIU-JITSU تەنتەربىيە كۇلۇبىدا مەشىق قىلىۋاتقان ئۆمەر مەمىتاخۇنوۋ ئىككىنچى، ئۇنىڭ ئىنىسى ئەبۇبەكرى مەمىتاخۇنوۋ ئۈچىنچى بولغان.
مەزكۇر مۇسابىقە ئىلگىرى رۇسىيە، قازاقىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەت تۇنجى بولۇپ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇسابىقىگە ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال، مىس مېدال بولۇپ، 20 دانە مېدال تەييارلانغان. مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار بويىچە قىرغىزىستاندىن بارغان كوماندا ئەزالىرى مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇلار ئىچىدە قىرغىزىستاندىن بارغان ئۇيغۇر پەرزەنتى ئاكا-ئۇكا ئۆمەر مەمىتاخۇنوۋ بىلەن ئەبۇبەكرى مەمىتاخۇنوۋ كۈمۈش ۋە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2021 21:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق