شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە يېڭى تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىندى

ب د ت ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە يېڭى ئىسپات بايقالغان بولۇپ، خىتاي 20 يىل ئىچىدە ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئىچىدىن تۆت مىليون 500 مىڭ ئادەمنى ئازايتىشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقى گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىغا ئېرىشكەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىلمىي ئورگانلىرى ۋە رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشنى يولغا قويۇش، نوپۇسنى باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى جازا لاگېرىغا سولاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشنى نىشان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ئىلگىرىكى ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 2040 - يىلى 13 مىليون 240 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كونترول قىلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 20 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى چۈشۈپ، 8 مىليون 600 مىڭدىن 10 مىليون 500 مىڭ ئارىلىقىدا بولغان. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى ھالەتتىن تەخمىنەن 4 مىليون 500 مىڭ نوپۇس ئازلىغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 9 مىليون 470 مىڭ ئىكەن.

ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەتقىقات خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان نوپۇس كونترول قىلىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى  %8.4 تىن %25 كە ئۆرلىگەن. بۇ ھالەت شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ زور دەرىجىدە شالاڭلىشىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى خىتاي تور بەتلىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈلگەن تۇنجى ئۇزۇن مۇددەتلىك نوپۇس ئانالىز دوكلاتى بولۇپ، رويتېر ئاگېنتلىقى بۇ دوكلاتتا ئىشلىتىلگەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات ۋە ئۇسۇللار ھەققىدە ئوندىن ئارتۇق نوپۇس مۇتەخەسسىسىدىن مەسلىھەت سورىغان. ئون نەچچە تەتقىقاتچىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئادرىيان زېنز ئەپەندىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى ۋە يەكۈننىڭ ئاساسى بار دەپ قارىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان نوپۇس سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ تۇغۇش نىسبىتى 2017 - يىلدىن 2019 – يىلغىچە %50 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان دوكلاتقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار دەپ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرما، بۇ ئەيىبلەشلەرنى غەرب خىتايغا قارشى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقاردى» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 991 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2021 20:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق