يەنە بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى خىتاي تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ جىيەنى مېھراي ئەركىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي قاماقخانىسىدا شېھىت قىلىندى.

مېھراي ئەركىن خىتايدىكى داڭلىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆسۈملۈك بىيو-تېخنىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2014-يىلى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، دېھقانچىلىق قۇرۇلۇش كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان.

2017-يىلدىن كېيىن قەشقەردىكى ئانىسىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى تەھدىتى بىلەن يۇرتىغا قايتىشى سەۋەبلىك ئاخىرىدا 2019-يىلى 8- ئايدا يۇرتىغا قايتقان.

ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جازا لاگېرىدا بىر مەزگىل قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە 2021-يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەردىكى يانبۇلاق ساقچىخانىسىدا قەشقەر شەھەرلىك ج خ ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان. بۇ ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىدا ئېغىر قىيناش نەتىجىسىدە شېھىت بولغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.

مېھراي ئەركىننىڭ يۇرتىغا قايتىش جەريانىدا دوستىغا يازغان ئۇچۇرىدا، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ قەبرىسىز قىلىشنىڭمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

مېھراي ئەركىننىڭ ئۆلۈمى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 1169 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2021 19:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق