ۋېنگىرىيە خەلقىدىن خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىنكاس

ۋېنگىرىيەدىكى مىڭلىغان كىشى بۇداپېشتتىكى خىتاي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا ئېتىراز بىلدۈردى.
پايتەخت بۇداپېشتتىكى ئۇچقۇن ھەرىكىتى تەشكىللىگەن ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار قەھرىمانلار مەيدانىدىن دۆلەت مەجلىسىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان.
بۇداپېشت شەھەر باشلىقى گېرگېلى كاراكسونىي دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلغان ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەپ، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان.
يىغىلغان ئاممىنىڭ بۇداپېشتتا قۇرماقچى بولغان خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنىغا ۋېنگىرىيە ئوقۇغۇچىلىرىغا شەھەر سېلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان كاراكسونېي، «گەرچە ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قاتارلىق مەسىلىلەرگە كەلگەندە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان دۇنياغا ۋەكىللىك قىلسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت خىتايغا ياكى بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قارشى ئەمەس» دېگەن.
بۇداپېشتتىكى 9-رايونلۇق شەھەر 2-ئىيۇن پايتەختتە قۇرۇلماقچى بولغان فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رايونىدىكى بىر قىسىم كوچا ناملىرىنى« شېھىت ئۇيغۇرلار كوچىسى»، «ئەركىن شاڭگاڭلىقلار كوچىسى» ، «دالاي لاما كوچىسى» قىلىپ ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان ئىدى.
ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ رايونىنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتكە مەبلەغ سېلىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ۋە ۋېنگىرىيەنى رايونلۇق بىلىم مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆكتىچىلەر خەلق بېجى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە رايوندىكى ۋېنگىرىيە ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن پىلانلانغان ئوقۇغۇچىلار شەھىرى تۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قارشى تۇرغان.

بۇ خەۋەر 910 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2021 19:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق