«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى.
تۆنۈگۈن 6 – ئىيۇندىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ناھايىتى كۆپ تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلغان ۋە ۋەتىنىمىزدە خىتاي قۇرغان 380 جازا لاگېرى ھەققىدە سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرى ۋە باشقا دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ تونۇلغان تەتقىقات مەركىزى ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نەيسىن رۇسىر ئەپەندى، ھەبىبۇللاھ ئەخەت، ئۆمەر روزى قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى.
شۇنداقلا چۈشتىن كېيىنلىك يىغىندا فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس دەررىن بايلېر ئەپەندى ۋە لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىم قاتارلىقلار بىر بىرلەپ گۇۋاھلىق بەردى.
بۈگۈن 7 – ئىيۇل سوتنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، ئېچىلىشتىن بۇرۇن سوت كوللېگىيەسى رەئىسى جەفىرى نايس ئەپەندى سۆز قىلغاندىن كېيىن، شۋېتسىيەدىن كەلگەن گۇۋاھچىلاردىن نېيرولا خانىم ئۆزىنىڭ ئائىلسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئىككىنچى گۇۋاھچى بولسا خىتايدا 10 يىلدىن ئارتۇق ساقچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ئاي ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ھازىر گىرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئاۋازىنى ۋە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ گۇۋاھلىق بەرگەن جاڭ ئەپەندى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز باستۇرۇشلىرى، كۈزىتىش سېستىمىسى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىمىزدە تۇرغان بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا 300 مىڭدىن كۆپرەك ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىدىغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
ئۇچىنچى بولۇپ تۈركىيەدىن نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت، مەلىكىزات ھەبىبۇل، ماھمۇت تەۋەككۇل ئەپەندى
گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىدىكى بىر – بىرىدىن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر سوت كوللېگىيەسىدىكى ھەربىر كىشىنى تەسىرلەندۈردى.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار بولسا، كانادادىن ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش، ۋە يەنە بىر ئىسىمسىز گۇۋاھچى، ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئەپەندىلەر گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

بۇ خەۋەر 732 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2021 19:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق