خىتاي ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىنى ئوت بىلەن ئويناشماسلىققا چاقىردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانا خادىملىرىغا تەھدىت سېلىپ، ئوت بىلەن ئويناشماسلىققا چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بۈگۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ شام يېقىش ئارقىلىق تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەلچىخانىلىرىنى خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ تەنقىد قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جۈمە كۈنى كەچتە كىشىلەر ئامېرىكا كونسۇلخانا بىناسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدە شام ياندۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن. ئامېرىكا كونسۇلخانا بىناسى يېنىدا خىتاي تەيىنلىگەن خوڭكوڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كەررى لامنىڭ تۇرالغۇسى بار بولۇپ، چەتئەل ۋەكىللەر ئۆمىكى يورۇتقان شاملارنىڭ سۈرەتلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كەڭ تارقالغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خوڭكوڭدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتتى. بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىز خوڭكوڭدىكى ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشىنى ھەمدە ئوت بىلەن ئوينىشىشتىن ساقلىنىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھەر يىلى خوڭكوڭدا ئونمىڭلىغان كىشى 4-ئىيۇن كۈنى شام يېقىپ خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن تيەنئەنمېن مەيدانىدا باستۇرۇلغان دېموكراتىيەنى قوللاش ھەرىكىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ماتەم تۇتۇپ، خىتاينىڭ قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوڭكوڭ خەلقى بېيجىڭنىڭ بارغانسېرى قاتتىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بىئاراملىق ھېس قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى داۋاملىق كېڭەيگەن. خوڭكوڭ دائىرىلىرى 2019-يىلى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان ئۆكتىچىلەرنى تولۇق باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، جۈمە كۈنى كەچتە خوڭكوڭنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر بىرلا ۋاقىتتا يانفون چىرىغى ياكى شام ياندۇرۇپ بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن.

بۇ خەۋەر 893 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 20:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق