ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى تەنقىدلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە ئەمەلدارى ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى تەنقىدلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 4-ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مىگۇئېل بېرگېر تىۋىتتېر ھېساباتىدا، ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان باياناتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئالدىنقى ئايدا ۋېنگىرىيە ياۋروپا، ئافرىقا، كارىپ دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى سودا ۋە تەرەققىيات كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى رەت قىلغان. ۋېنگىرىيە يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى زوراۋانلىق ئۇرۇشىنى توختىتىش چاقىرىقىنى قوللاشنى رەت قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىلى مارتتا، ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۆت خىتاي ئەمەلدارىنى جازالىشىغا يول قويغاندىن باشقا ئاساسەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى نۇرغۇن ساھەدە چەكلەپ كەلگەن. گېرمانىيەنىڭ ۋېنگىرىيەگە بولغان باھاسى گېرمانىيەنىڭ ۋېنگىرىيەگە بولغان ئۈمىدسىزلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. غەرب ئەركىن دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى مەسىلىسىدە، ۋېنگىرىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

بۇ خەۋەر 1029 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 20:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق