«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.
ئالدى بىلەن دوكتور داۋىد توبىن بۈگۈن سۇنۇلماقچى بولغان دوكلاتلار ھەققىدە توختىلىپ، ئالاقىدار دوكلاتلارنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان ئوچۇق مەنبەلەردىكى سانلىق مەلۇماتلار، سۈرەت، ۋىدىيولار ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى قاتارلىق ئىشەنچلىك مەزمۇنلارغا تايانغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك جىنايەتلىرى ھەققىدە يېتەرلىك دەلىل-پاكىتلار بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن پىروفېسسور لورا مورفىي خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
ئارقىدىن دوكتور راين سام خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس چەكلەش سىياسىتى ۋە بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش قىلمىشى ھەققىدە توختىلىپ، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ياتاقلىق مەكتەپكە يىغىۋېلىنغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەنلىكىنى، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇشتا ساختىپەزلىك قىلىش ئارقىلىق، كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
پىروفېسسور رېيچىل ھارىس لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى قىز-ئاياللارغا قاراتقان سىستېمىلىق ئاياغ-ئاستى قىلىش جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
دوكتور جو سىمىس فىنلى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغاندا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە تۈرلۈك سۈرەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇشىنى ۋە تەشۋىقات، مائارىپ قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.
تەتقىقاتچىلار ئوخشىمىغان تېمىلاردىكى دوكلاتلىرىنى سۇنغاندىن كېيىن، ئادۋوكاتلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
دەم ئېلىشتىن كېيىن لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، زۇمرەت داۋۇت خانىملار خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.
مەزكۇر سوت 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە سوتلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 980 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 20:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق