G7 خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، G7 بىرلىكى يەرشارى بويىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىدى
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سانائەتلەشكەن يەتتە چوڭ دۆلەت كېلەر ھەپتە باشلىقلار يىغىنى ئاچىدىغان بولۇپ، يىغىندا يەر شارى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانىغا قارشى تۇرىدىكەن. ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىن تەركىب تاپقان يەتتە سانائەت دۆلىتى گۇرۇپپىسى 11-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە ئەنگلىيەدە ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن، ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىدې سۇگا ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدىكەن.
گېرمانىيە «سودا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، G7 نىڭ بىر پارچە ھۆججىتىدە ئاسىيا، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا دۇنيا بىلەن ماس كېلىدىغان تۆمۈر يول ۋە پورتنىڭ كەمچىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا ۋە تور قۇرۇلۇشى يېتەرلىك بولمىغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك دۇنيا بانكىسى قاتارلىقلار خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سۈرئىتى بەك ئاستا بولۇپ قالغانلىقى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دەرھال ھەرىكەت قىلالايدىغان شېرىكلەرگە موھتاج ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بىرى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا چېتىلىپ، پارىخورلۇق ، ئەمگەكچىلارنى ئېزىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول » سودا پىلانى ئارقىلىق خىتاينى مەركەز قىلغان بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانىغا ئىشەنمەس بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانىغا قارشى تەدبىر ئالماقچى بولغان.

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 19:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق