دوختۇر لى مېڭيەن: خىتاي ۋىرۇسى بىيولوگىيەلىك قورال سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىلدى

 

تۈركىيە ساباھ گېزىتىنىڭ 4-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋىرۇسنىڭ قەيەردە ۋە قانداق باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى مۇنازىرە كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. پۈتۈن دۇنياغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن خىتاي يۇقۇمى تارقالغان كۈندىن باشلاپ 3 مىليون 717 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلغان بولسا، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ھۆججەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. خىتاي دوختۇر لى مېڭيەن ئامېرىكىنىڭ نىيۇز مەكس قانىلىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش پروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە: ئامېرىكا رېئاكسىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئانتونىي فاۋچى قاتارلىق نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك شەخىسلەردىن كەلگەن ئېلخەتلەرنى ئاشكارىلاپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن قورال سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«خىتاي رېجىمى ئۇنى بىئولوگىيىلىك قورال سۈپىتىدە ئىشلەپچىقاردى»

ئەڭ دەسلەپتە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى ھايۋاناتلار بازىرىدا بارلىققا كەلگەنلىكى، كېيىن ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن چىققانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مەلۇماتلار دۇنيا كۈنتەرتىپىدە جىددىي غۇلغۇلا قوزغىدى.

خىتاي دوختۇر لى مېڭيەن چارشەنبە كەچتە ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقى Newsmax غا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنى تەجرىبىخانىدا بىيولوگىيەلىك قورال قىلىپ ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنى بىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن ئايلاردا يۇقۇمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا ئۈچ دوكلات تەييارلىغان، ئەمما دوكلاتنى ھەمبەھىرلىگەندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتلىرى توختىتىلغان لى مېڭيەننىڭ نەق مەيداندا قىلغان سۆزى جىددىي غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. پىروگراممىدا «كوۋىد -19: چېگراسىز بىئولوگىيىلىك قورال» ماۋزۇلۇق قىسمىنىڭ دوكلاتىنى سۇنغان لى مېڭيەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋىرۇس توغرىسىدىكى ھەقىقەتنىڭ باشتا ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت تەرىپىدىن بىلىنگەن بولسىمۇ، ئەمما يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ۋىرۇسىدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىنسان ئىزى بارلىقىنى ئېيتقان لى مېڭ يەن مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن تارتىپ ئەجەللىك تەسىرىگىچە بولغان نۇرغۇن تەسىرلەرنىڭ خىتاي رېجىمى ئېلىپ بارغان ۋىرۇس تەجرىبىسىدە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

فاۋچىنىڭ ئاشكارىلانغان ئېلخەتلىرى زور تەسىر قوزغىدى

يەننىڭ بايانلىرىنىڭ ئەڭ يارقىن تەرىپى ئامېرىكا رېئاكسىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئانتونىي فاۋچىغا قارىتا ئەيىبلەشلىرى بولدى. ئۇ سۆزىدە 2020-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا فاۋچىنىڭ 3200 دىن ئارتۇق ئېلخېتىنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى تەرىپىدىنمۇ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ ئېلېكترونلۇق خەتلەردە فاۋچىنىڭ خىتاي رېجىمى ئېلىپ بارغان سىناقلار ھەققىدە مەلۇماتى بارلىقى ھەققىدە بايانلار بارلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ئېلخەتلەر ئىچىدىكى بىر پارچە خەتتە فاۋچىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك رېئاكسىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچىسى دوكتور  Hugh Auchincloss غا خەت يېزىپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاش توغرىسىدا يېزىلغان بىر ماقالىنى مۇلاھىزە قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ توغرىلىق ئاۋچىنكلوسنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانلار بار.

لى مېڭيەن نەق مەيداندا قىلغان سۆزلىرىدە، ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى خىتاي رېجىمىنىڭ يوقىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىغا كېلىپ ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ يۇقۇمدىكى رولىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن يەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە تەجرىبىخانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋىرۇس توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 

بۇ خەۋەر 1004 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 18:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق