دوكتور فاۋچى خىتايغا ئوچۇق چاقىرىق ئېلان قىلدى

ت ر ت خەۋەر تورىنىڭ 4 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرىزدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك رىئاكسىيە ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئانتونىي فاۋچى بېيجىڭ رېجىمىنى يۇقۇملىنىش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى 9 كىشىنىڭ سالامەتلىك خاتىرىسىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى، ئۇلارنىڭ 3 نەپىرى ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا ئىشلىگەن خادىملار بولۇپ، ئۇلار يۇقۇملىنىش باشلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

بايدېن ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقى ياكى ھايۋاندىن ئىنسانلارغا تارقالغانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئېنىق دوكىلات سۇنۇش ھەققىدە 90 كۈن مۆھلەت بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى مۇنازىرە يەنە ئەۋج ئالدى.
نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «ۋىرۇسنىڭ كېلىپ چىقىشى» ھەققىدە مۇنازىرە كۈچەيگەن بولۇپ،
دوكتور فاۋچى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي رېجىمىنىڭ 3 نەپىرى ۋۇخەن ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەيدىغان 9 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئايلىنىشتىن ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن ساغلاملىق خاتىرىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فاۋچى بۇ خاتىرىلەرنىڭ COVID-19 نىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى ۋە كېلىپ چىقىشىنى يورۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋاتقان 3 كىشىنىڭ 2019-يىلى كېسەل بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خاتىرىسىنى كۆرۈشنى خالايمەن. بۇ كىشىلەر راستىنلا كېسەل بولۇپ قالدىمۇ؟، ئەگەر كېسەل بولۇپ قالغان بولسا، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ئىدى؟» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

فاۋچى يەنە مەزكۇر 3 تەجرىبىخانا خادىمىدىن باشقا 6 كىشىنىڭ 2012-يىلى شەپەرەڭ ئۆڭكۈرىگە كىرگەن، ئاندىن ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كان ئىشچىلىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى دەپ قارالغان بۇ ئۆڭكۈردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ خەۋەر 896 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 18:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق