خەلقئارادا 4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقنىڭ 32 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارادا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ (1989-يىلى 4-ئىيۇن) يەنى 32 يىل ئىلگىرى تىيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈرگۈزگەن قەتلىئامىنىڭ 32 يىللىقى خاتىرىلەندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن «تىيەنئەنمېن مەيدانى قەتلىئامى» نىڭ 32 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ:
«بۇ كۈن خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا قىلغان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان بىر كۈن. بۇ ۋەھشىي جىنايەت 1989-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپدىن ئىشلەندى. خىتاي بۇ كۈندە كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋە ئاددىي تەلىپىنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدە بەلگىلەنگەن كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەتلەش ۋاستىسى بىلەن جاۋاب قايتۇرماستىن، ئەكسىچە زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. بىز شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ئىشلار، جۈملىدىن بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، قولغا ئېلىنغانلار ياكى يوقاپ كەتكەنلەر ھەققىدە خىتاينىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى توختاتماسلىقىمىز كېرەك. خىتاي خەلقى ئاددىي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاچقا، ئامېرىكا ئۇلارنى دائىم قوللايدۇ. بىز 32 يىل ئىلگىرى قازا قىلغانلارنى ئەسلەيمىز، خىتاينىڭ داۋاملىق باستۇرۇشى ئالدىدا يەنىلا بوشاشماي قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان باتۇر پائالىيەتچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز» دېدى.
ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ:
«تيەنئەنمېن مەيدانىدا قان تۆكۈلۇپ 32 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈنگىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى خىتاي خەلقىنىڭ ئاساسىي ئەركىنلىكىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ كەلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە خورلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى»نى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز، تىبەت مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش ۋە يۈز مىليونلىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز ۋە خىتاينىڭ خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى سىستېمىلىق بوغۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز ۋە خەلقئارا ئەھدىنامە ئارقىلىق خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى چەكلىشىمىز لازىم» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ 32 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قىلغان قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەر بىر يەرگە يىغىلغان. تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان شام يېقىش مۇراسىمى خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەيدانلارغا يىغىلىش چەكلەنگەن بولغاچقا، خەلق كوچىلارنى تولدۇرغان ۋە شامنىڭ ئورنىغا يانفون چىراقلىرىنى يورۇتۇپ، ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش روھىنى قايتا نامايەن قىلغان.

بۇ خەۋەر 772 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 18:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق