خىتاي: بايدېن ھۆكۈمىتىگە قارشى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىمىز

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە قارشى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش بۇيرۇقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «سابىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سىياسىي مەقسەت بىلەن بىر قىسىم خىتاي كارخانىلىرىنى ھەربىي دائىرىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراپ چەكلىگەن ئىدى. ئامېرىكا مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ھەرىكىتىدە پاكىت ۋە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا پۈتۈنلەي سەل قارىغان، ھەمدە نورمال بازار قائىدىسى ۋە تەرتىپىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەن ئىدى. بۇ چەكلەش خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن باشقا يەنە ئامېرىكىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزدى» دەپ بىلجىرلىدى.
ۋاڭ ۋېنبىن يەنە، «خىتاي زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇن ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا قارشى زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولغاندەك، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن 3-ئىيۇن يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ 59 شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەنىدى. گەرچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىشىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گاۋ فېڭ ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ساھەسىدىكى ئىختىلاپنى ساقلاپ قالغان ھالدا ئالاقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 842 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2021 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق