ئۇيغۇرلار خىتاي بوشاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلماقتا

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ماي ئاچقان يىغىنىدا بىر ئائىلىنىڭ ئۈچ بالىلىق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇغۇت كونترول سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ھويلىدا بىر توپ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا تۇغۇت تەكشۈرۈشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئىشىك ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ نۆۋەت بىلەن ئۆيگە كىرىپ، مەجبۇرىي تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ھەتتا تەكشۈرۈشتە بىر ئايالنىڭ ھوشىدىن كېتىپ، ئېسىگە كېلەلمەيۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقاچان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يوقلۇقىنى، ئاياللارنىڭ تۇغۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى دوكلاتلار يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بوشىتىشتىن بۇرۇنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زور كۆلەمدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى، بۇنىڭ پىلانلىق بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1735 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2021 18:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق