خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 3-ئىيۇن بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جازا لاگېرغا سولاش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپات بېرىشى، تەتقىقاتچىلارنىڭ دوكلاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
خىتاينىڭ ساختا مەيدان، ساختا ئوبراز ياساپ چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش قىلمىشى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي 3-ئىيۇندىكى يىغىنىدا يەنە «ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش» نامىدا ئاقسۇ پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى دېيىلگەن ئەكبەر تۇرغۇن ئىسىملىك ئۇيغۇرنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئەكبەر تۇرغۇن ئاتالمىش گۇۋاھلىق سۆزىدە: «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، ئەر-ئايال ئىككىمىز سەككىز مىڭ يۈەن مائاش ئالىمىز. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى شىركەتلىرىمىزنى جازالاپ، بىزنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىمىزنى زىيانغا ئۇچراتتى، بىز بۇنىڭغا نارازى» دېگەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى»نىڭ نازىرى راھمانجان داۋۇت سۆز قىلىپ: «ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دەپ بىلجىرلىغان. قورچاق ئەمەلدار يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇرلارنى يالاپ ئېلىپ ماڭغان خىتاي دائىرىلىرى ۋە ساقچىلار ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار ئەمگەكچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىننى لوندوندا تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى»دىن بىر كۈن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ دىققەت قوزغىغان. كۆزەتكۈچىلەر لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان مۇھاجىرەتتىكى شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتلىرى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي سېلىش جىنايىتىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ۋە يىغىنلىرى ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1432 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2021 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق