دوكلات: تۈركىيە ۋە مالايشىيادىكى ئۇيغۇرلار تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
«تەكشۈرۈش نۇقتىسى» ناملىق مەزكۇر شىركەتنىڭ تەتقىقات ئورگىنى 3-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئانالىز دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان خاككېرلار ھۆكۈمەت خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە ئېلخەت ئارقىلىق ۋورد ھۆججىتى ئەۋەتكەن. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ھۆججەتلەرنى ئاچقاندىن كېيىن، كومپيۇتېر خاككېرلار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن سىرتقى مۇلازىمىتېردىن يامان غەرەزلىك قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەرنى داۋاملىق چۈشۈرگەن.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خاككېرلار ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈپ، قۇرالايدىكەن. ئىسىم ئۆزگەرتەلەيدىكەن، كومپيۇتېردىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىكەن. كومپيۇتېر ئېكرانىنى كونترول قىلالايدىكەن، ھەتتا كومپيۇتېرنى تاقىۋېتەلەيدىكەن.
مەزكۇر شىركەتنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خاككېرلار تەشكىلاتى بۇ ھۇجۇم ئىستراتېگىيەسىنى كەم دېگەندە ئۈچ يىل داۋاملىق سىناق قىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇلارنى خىتاي خاككېرلىرى دەپ قارىشىدا بەلگىلىك دەلىلى بار ئىكەن.
ئۇندىن باشقا خاككېرلار ئۇيغۇرلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بەلگىسى قويۇلغان ساختا ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ۋىرۇسلۇق دېتاللارنى ئورناتقان.
خاككېرلار يەنە ئىشلەتكۈچىگە «تۈرك مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە فوندى» دەپ ئاتىلىدىغان ساختا تور بېكەتنى يوللىغان. ئەگەر ئابۇنت تور بېكەتتىكى «ياردەم ئىلتىماس قىلىش» ئۇلانمىسىنى چەكسە، ئۇلاردىن ئاتالمىش بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇ قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق خاككېرلار ئىشلەتكۈچىنىڭ سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى زىيارەت قىلىشقا يول ئاچىدىكەن.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي توپىغا قارىتىلغان بۇ تور ھۇجۇمى 2020-يىلى ئەڭ ئاكتىپ بولۇپ، ھازىرمۇ داۋام قىلماقتىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە خاككېرلارنىڭ تۈركىيە ۋە مالايشىيادىكى ھۆكۈمەت ئورگىنى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ساختا تور بېكەتلەرنى قۇرغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خاككېرلارنىڭ كەلگۈسىدە بۇ ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1297 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2021 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق