خىتاي شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى رەت قىلغان ماركىلاردىن باشقىچە ئۇسۇلدا ئۆچ ئالدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ئىشەنچلىك دوكلاتلار ۋە پاكىتلار ئاساسىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم خەلقئارالىق شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا سېتىۋېلىشنى توختاتقان ئىدى. خىتاي بولسا بۇ ماركىلارنى ئەيىبلەپ، تاراتقۇ كۈچى ئارقىلىق پىلانلىق ھالدا بۇ شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى.
خىتاي باش تاموژنا ئىدارىسى 1-ئىيۇن سۈپىتى لاياقەتسىز باھالانغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتايغا قارشى ئىش كۆرگەن خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىشى دىققەت قوزغىغان.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى 6-ئايدىن 2021-يىلى 5-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلار ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم-كېچەك، ئاياغ، ئويۇنچۇق، چىش چوتكىسى ۋە مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەكشۈرۈشتە، بەزى ماركىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بالىلار ئۈچۈن زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
تىزىملىككە خىتايلارنىڭ ئەڭ قاتتىق بايقۇت قىلىشىغا دۇچ كەلگەن H&M نىڭ توققۇز خىل مەھسۇلاتى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلاردا تېرىدىن سۈمۈرۈلۈپ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدىغان رەڭ ماددىلىرىنىڭ بارلىقى بايان قىلىنغان. ئۇندىن باشقا نايك، زارا قاتارلىق ماركىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ ئوخشاش زىيانلىق ماددىلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەخس ياكى شىركەتلەرگە بوھتان چاپلاش ئارقىلىق كۆزدىن يوقىتىش تاكتىكىسىنى ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شىركەتلەرگە چەكلىمە قويۇش بىلەن بىرگە، ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 825 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2021 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق