بايدېن قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 3-ئىيۇن يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ 59 شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن.
بايدېننىڭ مەزكۇر بۇيرۇقىدا سابىق پىرېزىدېنت تىرامپ تۈزۈپ چىققان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «قارا تىزىملىكى» تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن. تىرامپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى تەمىنلەيدۇ ياكى قوللايدۇ، دەپ قارالغان 31 خىتاي شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، خىتاي تېلېگراف شىركىتى، خەيكاڭ شىركىتى ۋە خىتاي تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتى قاتارلىق مۇھىم شىركەتلەر ئورۇن ئالغان ئىدى. بۇ خىتاي ماگناتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
گەرچە بايدېن ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تىرامپنىڭ خىتايغا قاراتقان دىپلوماتىك داۋالغۇشىدىن كېيىن، خىتايغا قارىتا سىلىق دىپلوماتىك يول تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تېخنىكىسى قاتارلىق بىر قانچە مەسىلىدە خىتايغا قارشى قاتتىق مەيدانىنى ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى پارلامېنتتا ئاز ئۇچرايدىغان دەرىجىدە پارتىيە ھالقىغان قوللاشقا ئېرىشكەن.
مەزكۇر مەمۇرىي بۇيرۇق 2-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان ئامېرىكىلىقلار بىر يىل ئىچىدە مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1045 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2021 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق