«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق سوتى لوندوندا رەسمىي باشلاندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۈگۈن لوندوندا شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە رەسمىي باشلاندى.

يىغىن سوت كوللېگىيەسىنىڭ رەئىسى جېفىرى نايسنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن باشلاندى. جېفىرى ئەپەندى سوت كوللېگىيەسىدىكى ھەر بىر ئەزانى بىرمۇبىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، مەزكۇر سوت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىملىق سوتتا لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكالى، زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن، سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى تۇنجى قېتىملىق سوتنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئۆمەر بېكالى سوت كوللېگىيەسى ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا بىرمۇبىر جاۋاب بەردى. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر خانىم خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى ئۆزىگە ئۈندىدار ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەھدىت سالغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى.

بۈگۈن جەمئىي توققۇز كىشى گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇپ، سەككىزى ئۇيغۇر، بىرى چەتئەللىك ئىكەن. ئىككىنچى باسقۇچتا ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇئەتتەر ئىلقۇت، نورۋېگىيەدىن پاتىگۈل تالىق، شىۋېتسىيەدىن سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى تېررورلۇققا قارشى مۇتەخەسسىسى روبىرت ئەپەندى قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بېرىدىكەن.

مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، 3-ئىيۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەققىدە سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىغان.

مەزكۇر سوت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە سوتلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1485 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2021 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق