قىرغىزىستاندا ئالتاي تۈركلىرى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2-ئىيۇن قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ۋىلايىتىدە «خەلقلەرنىڭ بىرلىكى تۈرلۈك-تۈمەنلىكتە» ناملىق ئالتاي تۈركلىرى مەدەنىيەت يەرمەنكىسى ئېچىلغان.
يەرمەنكىنى تۈرك-ئاتا مۇھاجىرلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان.
يەرمەنكىدە ئالتاي رايونىدىن كۆچۈپ چىققان كۆك تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قىپچاقلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، ئائىلە جابدۇق مەدەنىيىتى، ئات-ئۇلاغ ۋە سەپەر بۇيۇملىرى مەدەنىيىتى، يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى، ئۆي بېزەك مەدەنىيىتى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنغان.
كۆرگەزمىدە يەنە تارىخىي ۋە ئەنئەنىۋى كىيىملەر ئەر-ئاياللارغا كىيدۈرۈلۈپ، قەدىمكى تۈرك مەدەنىيتى نەق مەيداندا نامايان قىلىنغان. بۇلار ئىچىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئۇيغۇر كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان ھەرخىل رەڭدىكى پۇتا، يەكتەك، ھەر خىل پاسوندىكى تەلپەك، دوپپا، كەمزۇل، ياقىسىز تونلار ئالاھىدە دىققەت تارتقان.

بۇ خەۋەر 1533 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2021 17:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق