خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەھەللىلەرنى ۋەيران قىلىشنى كۈچەيتمەكتە

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى يېڭىلاش» نامىدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش قەدىمىنى تېزلەتكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دائىرىلىرى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 135 كونا ئولتۇراق رايوننى چېقىپ ئۆزگەرتكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق» پىلان لايىھەسىگە كىرگۈزگەن. 2021-يىلى ئولتۇراق رايونلاردىكى 230 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ، مەھەللە رايونلىرىدىكى 96 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى» ئولتۇراق رايونلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ھەرىكىتىگە مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، خىتاي رېجىمى 2020-يىلى ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تەۋە بولغان 788 ئولتۇراق رايوندىكى 116 مىڭ 300 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى چېقىپ ئۆزگەرتكەن. كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنە 1090 ئولتۇراق رايوندىكى 193 مىڭ 400 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى چىقىپ ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى 2000-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئولتۇراق رايون ئاساس قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ جازا لاگېرى سىياسىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى، ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەھەللىرىنى ۋەيران قىلىش ئىكەنلىكىنى، كۆچۈرۈلگەنلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نازارەت قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇلاردىن سىرت، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆيلىرى چېقىۋېتىلگەنلەرگە ناھايىتى ئاز مىقداردا تۆلەم بېرىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان.

بۇ خەۋەر 1440 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2021 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق