خىتايدىكى ئادەم ئورگىنى تىجارىتى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

خىتايدىكى ئادەم ئورگىنى تىجارىتى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە

يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيەسى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئادەم ئورگىنى تىجارىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەردە يېڭى نەتىجىلەر كۆرۈلگەن بولۇپ، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ئايرودرومدىمۇ مەخسۇس ئىچكى ئەزالارنى توشۇش ئېغىزى ئېچىلغان.
تەيۋەن ئامما گېزىتى 23-ئىيۇن بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە شەرقىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىچكى ئەزالارنى توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئەنگلىيە ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەسئۇلى، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئەنۋەر توختى بۇغدا بۇ ھەقتىكى گۇمانىنى بىلدۈرۈپ: «ئايرودرومدا مەخسۇس كىرىش ئېغىزى ئېچىلغۇدەك، زادى قانچىلىك كۆپ مىقداردىكى ئادەم ئورگانلىرى توشۇلۇۋاتقاندۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بىلەن چېگرالىنىدىغان چىڭخەي ئۆلكىسىدىمۇ مەخسۇس ئىچكى ئەزالارنى توشۇش ئېغىزى ئېچىلغان بولۇپ، تېببىي ساھەدىكى شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن باشقا ھېچقانداق جايدا ئىچكى ئەزالارنى توشۇش ئۈچۈن ئايرودرومدا مەخسۇس كىرىش ئېغىزى ئېچىلغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەدىكى خەلق سوتى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش قىلمىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1700 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق