خىتاي ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 1-ئىيۇن خىتايدا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلانغان ئاۋسترالىيە پۇقراسىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە پۇقراسى، تەتقىقاتچى ياڭ جۈن ئۆزىنىڭ مەخپىي جايدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىدىنمۇ بەتتەر جايغا ئىككى يىلدىن كۆپرەك سولاپ قويۇلغانلىقىنى، سوراقتا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە ياڭ جۈننىڭ ئۆزىنى ئاقلايدىغان ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشىگە، گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرۈشىگە يول قويمىغان. سوت ئالدىنقى پەيشەنبە يېپىق ھالەتتە باشلانغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق» دېگەن باھانە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تەتقىقاتچى ياڭ جۈن خىتايدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1992-يىلى خوڭكوڭغا بېرىپ، بەش يىلدىن كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەن ۋە بىر ئەقىل ئامبىرىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن ئاۋسترالىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 798 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2021 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق