ئامېرىكا خىتاينىڭ كامبودژادىكى ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن ئىشلار مىنىستىرى ۋېندى شېرمان 1-ئىيۇن كامبودژا باش مىنىستىرى خۇن سېن بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ كامبودژادىكى ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، شېرمان خۇن سېن بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا، كامبودژانىڭ يۈنلاڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىكى ئامېرىكا ياردەم قىلىپ سالغان ئىككى ھەربىي ئەسلىھەنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمەيلا چۇۋۇپ تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ مەزكۇر ھەربىي بازىغا قۇرغان ھەربىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ كامبودژادا ھەربىي بازا قۇرۇشىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، بۇ قىلمىشنىڭ ئامېرىكا-كامبودژانىڭ مۇناسىۋىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شېرمان يەنە كامبودژا رەھبەرلىرىنى كامبودژا خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇستەقىل ۋە تەڭپۇڭ بولغان تاشقى سىياسەتنى ساقلاشقا چاقىرغان.
ۋاشىنگتوندىكى بىر ئەقىل ئامبىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، كامبودژا دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان ئىككى دېڭىز ئارمىيە ئەسلىھەسىنى چېقىۋەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئامېرىكىنىڭ فىنوم پېندىكى باش ئەلچىخانىسى كامبودژا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا مەبلەغ سالغان يەنە بىر دېڭىز بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئۇقتۇرۇش قىلمايلا ۋەيران قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كامبودژا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دۇبان بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، كامبودژانىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلغانلىقىنى، ئۆز پىلانىنى ئامېرىكىغا خەۋەر قىلىش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 757 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2021 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق