تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار يەتتە مىڭ ئەتراپىدا بولماقتا (2-ئىيۇن)

2-ئىيۇن تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 7181 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 224 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 7181 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 586 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 112 كىشى قازا قىلىپ، 7372 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 131 مىڭغا، قازا قىلغانلار 47768 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1213 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 907 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2021 13:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق