يۈسۈپجان ئەمەتنى قەستلەش دېلوسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەھقىقلەش سوتى ئېچىلدى

بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ باكىركۆي رايونىدىكى ئۈچىنچى ئېغىر جازا مەھكىمىسىدە يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ قەستلىنىش دېلوسىغا قارىتا ئىككىنچى قېتىملىق تەھقىقلەش سوتى ئېچىلغان بولۇپ، سوتتىن كېيىن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىندى.
يۈسۈپجاننىڭ ئادۋوكاتى پىروفېسسور، دوكتور ئىلياس دوغاننىڭ ئۆز باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سوتتا يۈسۈپجان ئەمەتنى ئۆيىگە چاقىرىپ، ئۇنىڭ قەستلىنىشىدە مۇھىم رول ئالغان يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئۇيغۇر دوستىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنۇلغان. سوت مەھكىمىسىمۇ مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلغان. دېلونى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەھقىقلەش ئۈچۈن، سوت كوللېگىيەسى سوتنى 8-ئىيۇلغا كېچىكتۈرگەن.
دوكتور ئىلياس دوغان باياناتىدا يەنە بۇ دېلونىڭ نورمال بىر دېلو ئەمەسلىكىنى، ئېغىر جىنايى قىلمىشقا ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇرەككەپ دېلونى سادىر قىلغان ھەقىقىي جىنايەتچىلەرنى ئاشكارىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ دېلونىڭ پەقەتلا قورال ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش دېلوسى ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت بۇ رېئاللىقنى خەلقنىڭ بىلىشى كېرەكلىكىنى، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دېلوغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار بايانات ئېلان قىلىپ، يۈسۈپجاننىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنىڭ بىر سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى، چۈنكى جىنايەت سادىر قىلغۇچى كۇرال ئەلىيوف يۈسۈپجانغا ئوق چىقارغاندا، ئۆمەر ئىشىقنىڭ بىر تەرەپتە تۇرۇپ سىنغا ئالغانلىقىنى، شۇ سەۋەبىدىن بۇ دېلونىڭ ئادەتتىكى بىر دېلو ئەمەس، بەلكى ياللانما قاتىللىق دېلوسى ئىكەنلىكىنى، بۇ سۇيىقەستنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بارلىقى ھەققىدە كۈچلۈك گۇمان مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتىلنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تولۇق جازاغا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، يۈسۈپجاننىڭ قەستلىنىش ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئىستانبۇل ئەلچىخانىسىغا سوئال قويۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداقلا دېلو ئادىل بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭغا ھەرۋاقىت دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئەدلىيە خادىملىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ بۇ دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇپ، تۈركىيە سوتىنىڭ ئادالىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1255 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق