ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختىدىكى بىر كوچا ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالماقچى

رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتنىڭ شەھەر باشلىقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەسكەرتىش مەقسىتىدە بىر نەچچە كوچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قارارغا ئاساسەن پايتەختتىكى بىر كوچا تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لامانىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەنە بىر كوچا «ئۇيغۇر قۇربانلىرى (شېھىتلىرى) يولى»غا، يەنە بىرسى بولسا «ئەركىن خوڭكوڭ يولى»غا ئۆزگەرتىلىدىكەن. بۇلاردىن سىرت يەنە بىر كوچا تۈرمىگە تاشلانغان بىر خىتاي كاتولىك ئېپىسكوپىنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.
ئىسمى ئۆزگەرتىلىدىغان كوچىلار خىتاينىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پات يېقىندا بۇداپېشتقا قۇرماقچى بولغان مەكتەپ رايونىغا يېقىن بولۇپ، پىلان بويىچە مەزكۇر مەكتەپ رايونىدا سەنئەت، مېدىتسىنا، سودا ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق كەسپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 فاكۇلتېتتا 6000 ئوقۇغۇچى ماگىستىرلىقتا ئوقۇتۇلماقچى ئىكەن.
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋېنگىرىيە پايتەختىدە مەكتەپ رايونى ئېچىشى زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ تۈرنى ئاقلاپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ۋېنگىرىيەنى ياخشى مائارىپ پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما سەيشەنبە ئېلان قىلىنغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، %66 ۋېنگىرىيەلىك مەزكۇر مەكتەپ رايونىنىڭ ئېچىلىشىنى قوللىمايدىكەن.

بۇ خەۋەر 868 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق