تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار يەتتە مىڭ ئەتراپىدا بولماقتا (1-ئىيۇن)

1-ئىيۇن تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 7112 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 223 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 7112 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 602 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 129 كىشى قازا قىلىپ، 9457 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 124 مىڭغا، قازا قىلغانلار 47656 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1241 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 839 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق