ئامېرىكا NBA چولپانلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىنى قوللىماسلىققا چاقىردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتىلگەن بىر پەيتتە، NBA چولپانلىرى ئالاقىدار خىتاي ماركىلىرىنى قوللىماسلىققا چاقىرىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 1-ئىيۇن دۆلەتلىك ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىگە (NBPA) مەكتۇپ يوللاپ، ئامېرىكىدىكى ۋاسكېتبول چولپانلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشنى توختىتىشقا چاقىرغان ھەمدە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېف مېركلى (Jeff Merkley) ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋرېن (James P. McGovern) مەزكۇر مەكتۇپتا غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ ئەنتا، لىنىڭ ۋە پىكې قاتارلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پاختىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى قوللاپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقانلىقىنى، ئون نەچچە NBA توپچىسىنىڭ بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر شىركەتلەرگە ئوبراز ۋەكىلى كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
مەكتۇپتا يەنە 2018-يىلىدىن بۇيانقى دوكلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك پاكىتلارنىڭ بارلىقى، مەزكۇر پاختىلارنى ئىشلەتكەن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ NBA توپچىلىرىنىڭ، شۇنداقلا NBA نىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەكتۇپتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى، NBA ۋە NBA توپچىلىرىنىڭ بۇ قورقۇنچلۇق قىلمىشلارنى ئاستىرتتىن قوللىماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق