ئامېرىكا ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنى تەيۋەنگە ئورۇنلاشتۇرماقچى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنى تەيۋەنگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەيۋەن ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرىدىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتى ۋە بېسىمىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق كۈنسېرى كۈچەيگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئالاھىدە جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ۋە توقۇنۇشقا مەسئۇل ياردەمچى نامزاتى كرىستوفىر مېيىر(Christopher Maier)27-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، تەيۋەن مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيبېي بىرلەشمە خەۋەر گېزىتىنىڭ تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مەنبەسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىق بىرىگادىسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ئاللىقاچان شىنجۇ ناھىيەسىدىكى بازىدا مىللىي ئارمىيە بىرلەشمە بىرىگادىسىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەملەشكەن. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىملىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى زەربە بېرىش قىسمىمۇ تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە قەرەللىك بىرلەشمە مەشىق ئۆتكۈزگەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىنىڭ قوماندانلىق ئورگىنىمۇ بۇ يىل تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە خادىم ئەۋەتكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئوخشاشلا تەيۋەن مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1062 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق