ش ئا ئە ت باش كاتىپى: خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇش كېرەك

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدا خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ (Jens Stoltenberg)ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تور يىغىنى ھارپىسىدا، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇ 31-ماي بىريۇسسېلدا قىلغان سۆزىدە: «گەرچە كىشىلەر خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، بىراق خىتاي يەنىلا بىزگە ئېغىر خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 14-ئىيۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىريۇسسېلدا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېنمۇ قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى بۈگۈن تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
سىتولتېنبېرگ يىغىندا: «خىتاي بىز بىلەن ئورتاق قىممەت قاراشتا ئەمەس. خىتاي دېموكراتىيە، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلدى. خوڭكوڭ ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇپ، تەيۋەنگە تەھدىت سالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھەققىدىكى بۇ باھاغا نىسبەتەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
سىتولتېنبېرگ يەنە بۇ يىغىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى قايتىدىن سىزىپ، 2010-يىلى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئورنىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق