تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەر يېڭىلاندى

1-ماي تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى يېڭى قارارلارنى ئېلان قىلدى. يېڭى قارارلار تۆۋەندىكىچە:
سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى 6-ئايدا دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە كەچ سائەت 22:00 دىن ئەتىگەن سائەت 05:00 ئارىلىقىدا داۋاملىشىدۇ.
يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن كۈن سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، شەنبە كەچ سائەت 22:00 دىن دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 05:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.
رېستوران ۋە ئاشخانىلار ئەتىگەن سائەت 07:00 دىن كەچ سائەت 21:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا مېھمان قوبۇل قىلالايدۇ. يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى 24 سائەت داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.
قەھۋەخانا، چايخانا، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار يەكشەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە ئەتىگەن سائەت 07:00 دىن كەچ سائەت 21:00 گىچە ئېچىلىدۇ.
ئىدارە-ئورگانلاردىكى خىزمەتلەر يېڭى بەلگىلىمە بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. ئوچۇق ۋە يېپىق رايونلاردىكى توي ۋە نىكاھ مۇراسىمى بېكىتىلگەن شەرتلەرگە ئاساسەن 1-ئىيۇندىن باشلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ 2021-2022-ئوقۇش يىلىدىكى يېڭى مەۋسۇم 13-سېنتەبىردىن تارتىپ باشلىنىدۇ.
يۈز تۇرانە ئوقۇ-ئوقۇتۇش باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 1-ئىيۇندىن تارتىپ باشلىنىدۇ. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 7-ئىيۇندىن باشلاپ ھەپتىدە ئىككى كۈن يۈزتۇرانە دەرس ئاڭلايدۇ.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 31-ماي تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 219 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 6493 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 596 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 122 كىشى قازا قىلىپ، 9582 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بېرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بەش مىليون 114 مىڭغا، قازا قىلغانلار 47527 كە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 1339 كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 640 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق