ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېللاندىيە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

31-ماي ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەنىڭ باش مىنىستىرلىرى يېڭى زېللاندىيەدە يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئىككى تەرەپ خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ 15 ئايدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىشى بولۇپ، ئىككى تەرەپ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان. ئىلگىرى يېڭى زېللاندىيەنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسى سىياسىي ئوبزورچىلار ۋە تاراتقۇلار تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن، ئەمما يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى جاسىندا ئاردېرن (Jacinda Ardern) دۈشەنبىدىكى ئۇچرىشىشتا بۇ تەنقىدنى رەت قىلىپ، يېڭى زېللاندىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسون (Scott Morrison) بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئاۋسترالىيە بىلەن يېڭى زېللاندىيەنىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئوخشاش. شۇڭا مەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلەردە كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەر قانداق قاراشقا رەددىيە بېرىشىم كېرەك» دېگەن.
ئىككى باش مىنىستىر بىرلەشمە باياناتىدا خوڭكوڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاينى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ب د ت ۋە باشقا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايونغا چەكلىمىسىز كىرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە باشلامچىلىق بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش قىلىشقا چاقىرغاندىن بۇيان، ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان. يېقىنقى ئايلاردا خىتاي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئارپا، كالا گۆشى قاتارلىق ئاۋسترالىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيە ئارپىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىمپورت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 12:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق