خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكا ئاتقان كىشى شىكايەت قىلىندى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسىغا كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكا ئاتقان خىتاي پۇقراسى رەسمىي شىكايەت قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بېرلىن باش تەپتىش مەھكىمىسى 31-ماي بۇ يىل مارت ئېيىدا بېرلىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكا ئاتقان 42 ياشلىق خىتاي پۇقراسىنىڭ شىكايەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى ئوت قويۇش ۋە مال-مۈلۈككە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇماندار ئۆزى ياسىغان كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكىنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قورۇسىغا ئاتقان بولۇپ، كۆيدۈرگۈچى بوتۇلكا ئەلچىخانا بىناسى ئالدىغا چۈشۈپ پارتلىغان، بىراق ئەلچىخانا خادىملىرى تېزلىكتە ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان. قوغدىغۇچىلار ئۇنى نەق مەيداندىلا تۇتۇۋالغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دېلونىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىكەن. مەزكۇر خىتاي پۇقراسى خىتاي رېجىمىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 765 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2021 12:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق